مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 76گە يەتتى

2020.01.16 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ئەمەلدارى 15-يانۋار مۇنداق دېدى: پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىدە 76 ئادەم قازا قىلدى، 53 ئادەم يارىلاندى.

  پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى ئاپەت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى كۇرىش مۇنداق دېدى: پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا 13- يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە يۈز بەرگەن چوڭ قار كۆچكۈنىدە 76 ئادەم قازا قىلدى، 53 ئادەم يارىلاندى، يارىلانغانلار ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، پاكىستان ھەربىي تەرەپ، قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە شۇ جايدىكى ئامما قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى، يېمەكلىك قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن ئاممىنىڭ قولىغا تارقىتىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: قار كۆچكۈنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئۇدا يامغۇر ۋە قار ياغدى. نىلۇم جىلغىسىدا قار كۆچكۈنىنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 73 ئادەم قازا قىلدى. قار كۆچكۈنىدە يەنە 84 كورپۇس ئۆي ۋەيران بولدى، 94 كورپۇس ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى.

  پاكىستان دۆلەت ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مونتاز مۇنداق دېدى: يېقىندا يۈز بەرگەن يامغۇر-قار ئاپىتىدە پاكىستاندا ئاز دېگەندە 100 ئادەم قازا قىلدى، 90 ئادەم يارىلاندى. پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولدى، ئۇنىڭدىن قالسا غەربىي جەنۇبتىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسى بولۇپ، بۇ ئۆلكىدە جەمئىي 20 ئادەم ناچار ھاۋارايىدىن كېلىپ چىققان ھادىسىدە قازا قىلدى.

  پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان 15- چېسلا پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ