رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىستېپا بەردى

2020.01.16 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (سولدا) موسكۋادا زۇڭلى مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ 15-چېسلا، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىندىن ئىستېپا سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. پۇتىن يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك يىغىنىدا يېڭىدىن مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى تەسىس قىلماقچى ھەمدە مېدۋېدېۋنى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان مېدۋېدېۋ ھۆكۈمىتىگە يېڭى ئىچكى كابېنت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلدى.

  شۇ كۈنى سەل ئىلگىرى، پۇتىن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسىغا دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى ھەمدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ تەكلىپىنىڭ مەزمۇنى رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) ۋە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى)نىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، رۇسىيە فېدېراتسىيە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇنلاردىكى ئالدىنقى ئورنىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى پۇتىنغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا، زۇڭتۇڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى توغرا ھەرىكەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭنىڭ بارلىق زۆرۈر قارارلارنى چىقىرىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ھازىرلىشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ