19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى پانامادا زىيارەتتە بولدى
2020.01.15 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاناما دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چيەن شياۋچيەن 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە پانامادا زىيارەتتە بولۇپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تەشۋىق قىلدى، پاناما پارلامېنتىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى رودرىگىس ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى گونسارىز بىلەن كۆرۈشتى. پاناما تەرەپ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاناما-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ