خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي بازىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ھەربىي بازىدا ئىراق قىسىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە مەسئۇل ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ئەمەلدارىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئىككى «كاتيۇشا» ناملىق راكېتا بومبىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، باغدادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان تاج ھەربىي بازىسىغا چۈشكەن.
ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۇجۇمدا ھېچقانداق يارىلىنىش-ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ھازىر ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىمىدى.
1-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، ئىراقنىڭ سالاھىددىن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بەلەد ھاۋا ئارمىيە بازىسى سەككىز «كاتيۇشا» راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىراقنىڭ تۆت ھاۋا ئارمىيە خادىمىنى يارىلاندۇرغان.
1-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچى قىسىمىنىڭ قول ئاستىدىكى «شېڭچېڭ لۈيى»نىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمان ئىراق باغداد خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ سىرتىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسىمى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق ئىراقنىڭ ئىككى ھەربىي بازىسىغا ئون نەچچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ ئۆچ ئالغان، لېكىن ئامېرىكا تەرەپتە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ