ئۇكرائىنا پايتەختىنىڭ شەھەر مەركىزىدە پار تۇرۇبا يولى يېرىلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2020.01.15 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇكرائىنا كىيېۋدىكى دېڭىز-ئوكيان مال سېتىۋېلىش مەيدانى ئەتراپىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى پار بىلەن تەمىنلەش يېڭى تۇرۇبا يولىنىڭ بۆلەكلىرىنى ئېسىپ قۇراشتۇردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- چېسلا كەچتە، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى دېڭىز-ئوكيان مال سېتىۋېلىش مەيدانى ئەتراپىدا پار تۇرۇبا يولى يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ مال سېتىۋېلىش مەيدانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى قايناق پار سۈيى بىلەن تولدى. شۇ جاينىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پار تۇرۇبا يولىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى پارتلاش پەيدا قىلغان، پارتلاشتىن ھاسىل بولغان ھاۋا دولقۇنىدا مال سېتىۋېلىش مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەن، ئەتراپتىكى يول يۈزى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى. ھازىر كىيېۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېرىلىپ كەتكەن تۇرۇبا يولى ۋە يول يۈزىنى رېمونت قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ