ئۇكرائىنانىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىراندا چۈشۈپ كەتتى

2020.01.09 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىراننىڭ تېھران شەھىرى سىرتىدا تارتىلغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 8- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 170 ئادەم ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى تېھران ھۈمەينى خەلقئارا ئايروپورتى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن. بەزى ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ