ترامپ ئىراننىڭ ھۇجۇمى ئامېرىكا تەرەپكە تالاپەت يەتكۈزەلمىدى، دېدى

2020.01.09 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ (ئوتتۇرىدا) ۋاشىنگتوندا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-يانۋار: ئىراننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق ئىراق ھەربىي بازىسىغا قوزغىغان ھۇجۇمى ئامېرىكا تەرەپتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى پەيدا قىلالمىدى، ئامېرىكا دەرھال ئىرانغا يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدۇ، دېدى.

  ترامپ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاقسارايدا تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلغاندا: ئىران قارىغاندا «قول ئۈزگەندەك» قىلىدۇ، بۇ ئالاقىدار تەرەپلەر، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر «ياخشى ئىش» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دەرھال ئىرانغا يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ قورال كۈچى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ ياخشى تەھدىت ۋاسىتىسى بولالايدۇ.

  ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىمى 8-يانۋار سەھەردە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئىككى ھەربىي بازىسىغا نەچچە ئون باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف شۇ كۈنى كەچرەك: ئىران ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى ياكى ئۇرۇش بولۇشىنى خالىمايدۇ، لېكىن ئىران ئۆزىنى ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىقتىن ساقلايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ