تۈركىيە-رۇسىيە رەھبەرلىرى لىۋىيەدە ئۆزئارا ئېلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى 12- چېسلادىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى

2020.01.09 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 8- كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان (ئوڭدا) ئىستانبۇلدا رۇسىيەدىن زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ لىۋىيەدە ئۆزئارا ئېلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىپ، سۆھبەت ئارقىلىق كىرزىسنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ