خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان يېڭى دېھلى سوت مەھكىمىسى 7-يانۋار 2012-يىلى يېڭى دېھلىدىكى قارا ئاپتوبۇستا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىكى تۆت جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، ئۇلارغا شۇ جاي ۋاقتى 22-يانۋار ئەتىگەن سائەت يەتتىدە دارغا ئېسىش جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
قارا ئاپتوبۇستا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى 2012-يىلى 12-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ 23 ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىسى يېڭى دېھلىدىكى بىر شەخسىي ئاپتوبۇستا ئالتە ئەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى ھەمدە ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئالتە ئادەمنىڭ بىرى تۈرمىگە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى، قۇرامىغا يەتمىگەن بىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددىتى بولغان ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، قالغان تۆت ئادەمگە 2013-يىلى 9-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
بۇ تۆت كىشى جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىزچىل ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا 2019-يىلى 12-ئايدا يېڭى دېھلى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ساقلاپ قېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ