ئىران پارلامېنتى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزدى

2020.01.08 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە، كىشىلەر ئىران قوغدىنىش قىسىمىنىڭ قوماندانى سۇلايماننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىسى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پارلامېنتى شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك جىددىي تەكلىپنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزگەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىران پارلامېنتى شۇ كۈنى بېلەت تاشلاپ بىر تۈرلۈك جىددىي تەكلىپنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بارلىق خادىملار، قاراشلىق ئاپپاراتلار ۋە ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىغا قاراشلىق «مۇقەددەس شەھەر لۈيى»نىڭ قوماندانى سۇلايماننى قەستلەشنى پىلانلىغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  بۇ تەكلىپكە ئاساسەن، ئىران ھۆكۈمىتى «مۇقەددەس شەھەر لۈيى»گە 200 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ، بۇ لۈينىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئىران تەرەپ بۇ تەكلىپنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف 7-يانۋار ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇلايماننى ئۆلتۈرۈشى بىر خىل دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكىتى، دېدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، سۇلايمان ئىراق خەلقئارا ئايرودرومى سىرتىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى. ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران تەرەپ بۇ ۋەقەدىن «قاتتىق قىساس ئالىدۇ»، دېدى.

  2019-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۇنىڭ غەربىي ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ