خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان سكات ئاۋىياتسىيە شىركىتى 6-يانۋار نۇرسۇلتاندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۇرسۇلتاندىن جۇڭگونىڭ شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
سكات ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەر ئۈستى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۆلەت خامزىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم نۇرسۇلتاندىن شىئەنگە ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. نۇرسۇلتاندىن شىئەنگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلان بوئېن 500-737 تىپلىق بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، جۈمە كۈنلىرى نۇرسۇلتاندىن شىئەنگە ئۇچىدۇ، ھەر سەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى شىئەندىن نۇرسۇلتانغا ئۇچىدۇ.
خامزىن مۇنداق دېدى: قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو تارىخىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ، دۇنياغا داڭلىق چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىنى، ئوخشاش بولمىغان جۇڭگو مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: شىئەن جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى، ھازىر قازاقىستانلىق نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى شىئەندە ئوقۇماقتا. نۇرسۇلتاندىن شىئەنگىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىش جۇڭگو-قازاقىستان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى يىللىق سوۋغات بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ