ئاۋسترالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

يېڭى ئاپپارات تەسىس قىلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزىدۇ

2020.01.07 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئىشتاتىنىڭ كۆكتاغ رايونىدا، شەھەر ئاھالىلىرى تاغ ئوتىنى يىراقتىن كۆزەتمەكتە.

  ئاۋستىرالىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى بۇ ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشتى. ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاۋستىرالىيەدە يۈز نەچچە جايدا ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى داۋاملاشماقتا. ئاۋستىرالىيە زۇڭلىسى موررىسون 6- يانۋار يېڭى ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىمۇ زاپاس ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ، كەسپىي زاتلار بىلەن بىرلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ