خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ 6- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان 2020- يىلى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن ئۆتكەندە 72 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ھەمدە ئىلگىرىكى بۇنداق شەھەرلەرگە يەنە چىمكەنت، ئاقتاۋ، قاراگاندا ۋە تارازدىن ئىبارەت تۆت شەھەرنى چېگرادىن كىرىش-چىقىشتا ئالمىشىش ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.
قازاقىستان ئاگېنتلىقى قازاقىستان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ساياھەتچىلىكتىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ھىندىستان پۇقرالىرىغا ئالمىشىشتا 72 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغان بولدى.
ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ سىياسەت قوللىنىلغان نۇرسۇلتان ۋە ئالمۇتا شەھىرىدىن باشقا، جۇڭگو پۇقرالىرى يەنە چىمكەنت، ئاقتاۋ، قاراگاندا ۋە تاراز قاتارلىق بۇ تۆت شەھەردىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملاردىن ئالمىشىپ قازاقىستانغا كىرىشكە بولىدۇ. چېگرىدىن كىرگەندە، قازاقىستان چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرى يولۇچىلارنىڭ پاسپورتىغا تامغا باسىدۇ ھەمدە چېگرادىن كىرىش كونكرېت ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ