بېتخوۋېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئاۋسترىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى

2020.01.06 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنادىكى ئاۋسترىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا، كىشىلەر «بېتخوۋېن __ ئادەم دۇنياسى ۋە ئىلاھلارنىڭ ئۇچقۇنى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كومپوزىتور بېتخوۋېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، «بېتخوۋېن __ ئادەم دۇنياسى ۋە ئىلاھلارنىڭ ئۇچقۇنى» ناملىق كۆرگەزمە ئاۋسترىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ كۆرگەزمە 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىلى 4- ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بېتخوۋىننىڭ قول يازمىسى، رەسىمى، خەت-چەكلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق بېتخوۋىننىڭ ھاياتى نامايان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ