مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئەلچىخانىسى تۇنىس بالىلار مائارىپ ئاپپاراتىغا ئۈسكۈنىلەر ئىئانە قىلدى

2020.01.02 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تۇنىس ئاياللار، ئائىلە، بالىلار ۋە ياشانغانلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا بالىلار مائارىپى ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم ئۈسكۈنىلەرنى ئىئانە قىلدى.

  تۇنىس ئاياللار، ئائىلە، بالىلار ۋە ياشانغانلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نازىخ رابىدى، جۇڭگونىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ۋە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىرا پېتېرس شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  رابىدى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئىئانە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تۇنىس بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ماختىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىئانە قىلغان ئۈسكۈنىلەر تۇنىس بالىلار مائارىپى ئاپپاراتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. تۇنىس ھۆكۈمىتى تىرىشىپ ھەر قايسى رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە مائارىپ شارائىتىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ، ئۇلارنى باراۋەر ۋە بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن ئۈسكۈنىلەرنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تۇنىس ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۇنىستىكى ئىش ئورنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تۇنىس بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىقتۇر، بىز كەلگۈسىدە بۇ خىل ھەمكارلىقلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو تەمىنلىگەن ئۈسكۈنىلەر تۇنىسنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلغان بالىلار مائارىپى مەركىزىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ