مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كرىستىيانو رونالدو كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كىنو ئىشلىگۈم بار، دېدى

2019.12.30 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پورتۇگالىيەلىك ئالدى ھۇجۇمچى پۇتبولچى كرىستىيانو رونالدو 28-دېكابىر دۇبەيدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كىنودا رول ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كېلەر يىلى 2-ئايدا كرىستىيانو رونالدو 35 ياشقا كىرىدۇ. ئۆزىنىڭ كوماندىدىن چېكىنىش پىلانىغا قارىتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەزەلدىن بىرەر ناچار مۇسابىقە پەسلىگە دۇچ كەلمىدىم، چۈنكى خىرىس ئالدىدا مەن دائىم ياخشى تەييارلىق قىلىمەن. بەدەن ئىنكاسىمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىمدا، بۇ پۇتبول ئايىغىنى سېلىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».

  كرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن داۋاملىق ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، بىر توپچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك چېكىنىش يېشى 30 ياش ياكى 32 ياش ئىدى، ھازىر بەزى توپچىلار 40 ياشقىچە تېپىدۇ. مەن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆگىنىش قىلماقچى، چۈنكى مېنىڭ ھازىرقى بىلىم زاپىسىم مەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ھەر ۋاقىت جاۋاب بېرەلمەيدۇ».

  ئۇ: «ئۇنىڭدىن باشقا، مېنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىغان بىر ئىش __ كىنودا رول ئېلىش»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ