بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش نامايان بولدى

2019.12.27 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىندونىزىيەدە تارتىلغان كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشى.

  شۇ كۈنى بىر مەيدان كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇش مەنزىرىسى پەيدا بولدى، بۇ، بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسىدۇر. بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇشتىكى ھالقىسىمان تۇتۇلۇش بەلبېغى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن باشلىنىپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبى ئۇچى، سىرى لانكا ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندونىزىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەربىي تىنچ ئوكياندا ئاخىرلاشتى، بۇ يەردىكى كىشىلەر قۇياشنىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشىنى كۆرەلىدى، ھالقىسىمان تۇتۇلۇش بەلبېغىدىن باشقا قوشنا رايونلاردىكى كىشىلەر كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرەلىدى. 2019-يىلى يەر شارى مىقياسىدا ئۈچ قېتىم كۈن تۇتۇلۇش يۈز بەردى، قىسمەن تۇتۇلۇش، تولۇق تۇتۇلۇش، ھالقىسىمان تۇتۇلۇش بىر قېتىمدىن يۈز بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ