ئۆزبېكىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2019.12.24 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە، ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالوموف سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى 23-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 22-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبېكىستان ئالىي يىغىنى قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) سايلىمىدا 150 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدىكى 128 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى، قالغان 22 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا بارلىققا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ