جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق موزامبىكنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە

2019.12.23 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، كومبايىن موزامبىكتىكى ۋەنباۋ موساڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا شال ئورماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى شال تېرىش تۈرى ۋەنباۋ موساڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسى موزامبىك گازا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سايساي شەھىرىگە جايلاشقان. كەڭ كەتكەن يەر، مۇۋاپىق كىلىمات، يېتەرلىك سۇغىرىش سۇ مەنبەسى ۋە جۇڭگودىن كەلگەن قوللاشنىڭ پايدىسى بىلەن، بۇ تۈر 20 مىڭ گېكتار يەرنى پىلانلاپ ئېچىپ، ھەمكارلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ يەر ئېچىپ شال تېرىشىغا تۈرتكە بولدى. ۋەنباۋ موساڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسىنىڭ تېخنىكا مۇلازىمىتى جەھەتتىكى قوللىشى بىلەن شۇ جاينىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەمكارلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. بۇ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يەر تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، شال تېرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى موزامبىكنىڭ ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە پەسەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ