خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 74-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 19-دېكابىر قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 21- كۈنىنى «خەلقئارا چاي كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.
بۇ قارار لايىھەسىنى پەلەستىن «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو»غا ۋاكالىتەن 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىم ماقۇللانغان قاراردا چاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
74-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 19-چېسلا ئايرىم- ئايرىم قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىنى «خەلقئارا ساپ ھاۋا كۆك ئاسمان كۈنى»، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 4- كۈنىنى «خەلقئارا بانكا كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بۇ ئۈچ خەلقئارا كۈننى تەبرىكلەپ، ئاممىغا چاينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشىنى؛ ئاممىنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئاممىنىڭ بانكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ