ترامپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

2019.12.20 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى پېلوسى (ئوتتۇرىدا) ئاۋاز بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كونتىروللىقىدىكى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 18- چېسلا ئاۋازغا قويۇپ، زۇڭتۇڭ ترامپقا قارىتىلغان ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەش ماددىسىنى ماقۇللاپ، ئۇنى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلاندى ۋە پارلامېنتقا توسقۇنلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ترامپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ئۈچىنچى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ