مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ باش كاتىپى −

خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشى كېرەك

2019.12.19 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 17- چېسلا دۇنيا مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج .

  گۇتېررېس تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى نۇرغۇن زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنىڭ توختاپ قېلىش ئۈمىدىنى يەنىلا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، تېز شەھەرلىشىش، ئاشلىق كىرىزىسى ۋە سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش قاتارلىق چۇڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۇنيادىكى سەرسان بولۇش مەسىلىسى ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى داۋاملىق يامانلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مۇساپىرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە مۇساپىرلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ سەۋەبلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.

  دۇنيا مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈچ كۈنلۈك مۇنبىرى 16- چېسلا شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا باشلاندى. مەزكۇر مۇنبەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا، «دادىل بولۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، دۇنيادىكى مۇساپىرلار توپىغا ياردەم بېرىش لايىھەسى ھەمدە ئۇلارنى يىغىۋالغان دۆلەت ۋە مەھەللىلەرگە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك قوللاش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەرباپلىرى، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەيرى-ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالىملار ۋە مۇساپىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مەزكۇر مۇنبەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ