كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا

2019.12.13 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە، كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىر بىنادا كۆرسىتىلمەكتە.

  12-دېكابىر كەچتە ئېلان قىلىنغان كۆز ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگىلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىدا ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ھەمدە پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ