نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى يىغىلىشى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى

2019.12.12 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەمدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ رەھىمسىز جىنايىتىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيە نەنجىڭ توكيو گۇۋاھلىق سۆزى يىغىلىشى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 82-يىلىدا 2019- يىللىق توكيو گۇۋاھلىق سۆزى يىغىلىشى» 11-دېكابىر كەچتە توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشتا، ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تارىخنى ئۇنتۇماي، تىنچ، دوستانە كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ