ۋايىت ئارىلىدىكى يانار تاغ پارتلىشىدا سەككىز ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى

2019.12.12 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى زىللاندىيە ساقچى تەرەپ 12- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى زىللاندىيەنىڭ ۋايىت ئارىلىدىكى يانار تاغ پارتلاشتا يارىلانغانلار ئىچىدە ئىككى ئادەم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى، نۆۋەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى سەككىزگە يەتتى.

  يېڭى زىللاندىيەنىڭ پىلېنتىي قولتۇقى رايونىدىكى ۋايت ئارىلىدا 9- دېكابىر يانار تاغ پارتلىدى، شۇ چاغدا ئارالدا 47 ئادەم بار ئىدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ قېتىمقى يانار تاغ پارتلاشتا سەككىز ئادەم قازا قىلدى، سەككىز ئادەم يوقاپ كەتتى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. يارىدارلاردىن ئۈچى دوختۇرخانىدىن چىقتى، يەنە 28 كىشى يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  ساقچى تەرەپ 10-دېكابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋايت ئارىلىدا ھاياتلىق پائالىيىتى ئالامەتلىرىنى بايقىمىغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەن سەككىز كىشىنىڭ بەلكىم قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگونىڭ يېڭى زىللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانسى 10-دېكابىر كەچتە ئىككى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ يانار تاغ پارتلاشتا يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ