مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېرمانىيە قانۇن چىقىرىپ سىرتتا تاماكا ئېلانى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلماقچى بولدى

2019.12.12 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئاساسلىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە سۈپىتىدىكى ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن، گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە بىردەك ھالدا، قانۇن چىقىرىپ سىرتتا تاماكا ئېلانى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى.

  نۆۋەتتە گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا ئېلانى ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت. گەرچە گېرمانىيە پارلامېنتى قانۇن چىقىرىپ، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە ژۇرناللاردا تاماكا ئېلانى چىقىرىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا دائىم تاماكا ئېلانى ۋە چىراغ ساندۇقلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىرتلاردا تاماكا ئېلانىنى مەنئى قىلىش مەيدانى ئۇزاققىچە بىرلىككە كەلمىگەن، لېكىن بۇ پارتىيە 10- چېسلا پارلامېنت پارتىيە ئۆمىكى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 2022- يىلىدىن باشلاپ سىرتتا تاماكا ئېلانى بېرىشنى مەنئى قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىتتىپاق پارتىيەسى پارلامېنت ئۆمىكى ئېلان قىلغان بىر پارچە سىياسەت ھۆججىتىدە دېيىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتتە، «بىز ياشاۋاتقان دەۋردىكى ئەڭ چوڭ ۋە ساقلانغىلى بولىدىغان بىر ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى»گە تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  ھۆججەتتە، 2021- يىلىدىن باشلاپ كىنوخانىلاردىكى تاماكا ئېلانىنى مەنئى قىلىش، 2022- يىلىدىن باشلاپ سىرتتا تاماكا ئېلانى بېرىشنى مەنئى قىلىش، 2023- يىلىدىن باشلاپ قىزدۇرۇش تىپىدىكى تاماكا مەھسۇلاتى ئېلانى بېرىشنى مەنئى قىلىش، 2024- يىلىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئېلانىنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنغان. ئىتتىپاق پارتىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئەمدى قانۇن چىقىرىپ سىرتتا تاماكا ئېلانى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ