جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى يانار تاغ پارتلىشىدا جۇڭگولۇق ئىككى پۇقرانىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈردى

2019.12.11 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 12-ئاينىڭ 10- كۈنى، ۋايت ئارىلىدىكى يانار تاغ پارتلاش ئاپىتىدە جۇڭگولۇق ئىككى پۇقرانىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، ئەلچىخانا يېڭى زېللاندىيە تەرەپنىڭ يەنە بىر جۇڭگو پۇقراسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تېزدىن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن ۋايت ئارىلىغا چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ