سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، فىرانسىيە پارىژدا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل (سولدىن ئوڭغا) «نورماندى ئەندىزىسى» تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن، «نورماندى ئەندىزىسى» تۆت دۆلەت باشلىقلار يىغىنى 9-دېكابىر پارىژدا ئېچىلدى، فىرانسىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنادىن ئىبارەت تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىسكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ