يېڭى زېللاندىيەنىڭ ۋايىت ئارىلىدا يانار تاغ پارتلىدى

بەش ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى

2019.12.10 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساقچى تەرەپ 10-دېكابىر سەھەردە خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى زېللاندىيەنىڭ ۋايىت ئارىلىدىكى يانار تاغ تۇيۇقسىز پارتلاپ، بەش ئادەم قازا قىلدى، يەنە سەككىز ئادەم يوقاپ كەتتى.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-چېسلا يانار تاغ پارتلىغاندا، 47 ئادەم ۋايىت ئارىلىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ئىكەن، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ئاۋستىرالىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ۋايىت ئارىلىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەردىن باشقا، جەمئىي 34 ئادەم ۋايت ئارىلىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 31 ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان. ھازىر سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغان بىر قازا قىلغان كىشىنىڭ يېڭى زېللاندىيەلىك ساياھەت يېتەكچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ