فىنلاندىيەدە ئەڭ ياش زۇڭلى ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ

2019.12.10 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە ساننا مارىننى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىقىغا كۆرسىتىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللىگەن باشقا تۆت پارتىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. مالىن بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن فىنلاندىيەدىكى ئەڭ ياش زۇڭلى، ئۈچىنچى ئايال زۇڭلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياش ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ساننا مارىن بېلگىيە بريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندىكى ماتېرىيال سۈرەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ