«باش ئەلچى لوڭقىسى» لىۋان ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلدى

2019.12.10 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 8- كۈنى، لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا، ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى سىلېنا 2- نۆۋەتلىك «باش ئەلچى لوڭقىسى» لىۋان ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە.

  2- نۆۋەتلىك «باش ئەلچى لوڭقىسى» لىۋان ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى 8- ئاۋغۇست بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلدى، 27 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. جۇڭگونىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈندىكى مۇسابىقە ياشلار گۇرۇپپىسى ۋە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى دەپ ئايرىلغان. ئاخىرىدا لىۋان سان يوسېف ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن 18 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى سىلېنا ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى تېرىر شەھىرىدىكى 11 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مارىيام ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ