ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا بىر سودا بىناسىغا ئوت كېتىپ 43 ئادەم قازا قىلدى

2019.12.09 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان يېڭى دېھلى ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، 8-دېكابىر سەھەردە يېڭى دېھلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر تۆت قەۋەتلىك سودا بىناسىغا ئوت كېتىپ، 43 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

  ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىنادا ئارام ئېلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي بىخار ئىشتاتىدىن كەلگەن ئىكەن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە، سودا بىناسىنىڭ ئالدى ئىشىكى تاقاق بولۇپ، كىشىلەر بىنا ئىچىدىن ۋارقىراپ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان ئىكەن. نەق مەيداننى ئىس ۋە زەھەرلىك گاز قاپلىغان.

  ھازىر ئوت ئۆچۈرۈلۈپتۇ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. يول تار بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراپتۇ.

  ھىندىستان زۇڭلىسى مودى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تىۋېتتېردىكى ھېسابات نومۇرىدا يازما ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقە «تىراگېدىيە»، دېدى، ھادىسىدە تالاپەت پەيدا بولغانلىقىغا ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ «مۇمكىن بولغان بارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى. ئالاقىدار تارماقلار ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ