جۇڭگو رەڭلىك پانۇس بايرىمى موسكۋادا باشلاندى

2019.12.06 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-دېكابىر، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا، كىشىلەر جۇڭگو رەڭلىك پانۇس بايرىمىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو رەڭلىك پانۇس بايرىمى 4- دېكابىر موسكۋادىكى سوكورنىكى باغچىسىدا باشلىنىپ، موسكۋانىڭ سوغوق، ئۇزاققا سوزۇلغان قىشلىق كېچىسىگە رومانتىك ۋە ئۆزگىچە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ قېتىمقى رەڭلىك پانۇس بايرىمىدا جۇڭگو سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ زىگۇڭ شەھىرىدىن كەلگەن 45 گۇرۇپپىدىكى 4500 گە يېقىن رەڭلىك پانۇس ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ كۆرگەزمە 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ