چىلىنىڭ شىمالىي قىسىمدا ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ جىلغىغا چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدا 21 ئادەم قازا قىلدى

2019.12.04 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى، چىلىنىڭ ئانتوفاگاستا چوڭ رايونىدىكى بىر قانۇن دوختۇرلۇقى مەركىزىنىڭ سىرتىدا، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى كۆز يېشى قىلدى. چىلى دۆلەت جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى 2- چېسلا مۇنداق دېدى: چىلىنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ئانتوفاگاستا چوڭ رايونىدا 1- چېسلا كەچتە بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ جىلغىغا چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدا 21ئادەم قازا قىلدى، 21 ئادەم يارىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ