مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنىستا بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى تاغ جىلغىسىدا چۈشۈپ كېتىپ 26 ئادەم قازا قىلدى

2019.12.02 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى 1-دېكابىر تۇنىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايوندا جىلغىغا چۈشۈپ كەتتى، ھازىرغىچە 26 ئادەم قازا قىلدى، 16 ئادەم يارىلاندى.

  تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خۇسۇسىي ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىر ئاپتوبۇسى شۇ كۈنى تۇنىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى باجە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا كېتىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، مېتال رېشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ جىلغىغا چۈشۈپ كەتتى. يارىلانغانلار شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 20 نەچچە ياشتىكى تۇنىسلىقلار بولۇپ، ئۇلار شۇ كۈنى پايتەخت تۇنىستىن يولغا چىقىپ باجە ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەرگە ساياھەتكە ماڭغان.

  تۇنىس سەھىيە مىنىستىرلىقى 1-دېكابىر كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىلدىكىلەردىن 26 ئادەم قازا قىلدى، 16 ئادەم داۋالىنىۋاتىدۇ، دېدى.

  تۇنىس زۇڭتۇڭى كايس سەئىد ۋە زۇڭلى شاھىد شۇ كۈنى باجە ئۆلكىسىگە بېرىپ ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يارىدارلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  نۆۋەتتە، تۇنىس ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتناش ۋەقەسىدە تالاپەت يەتكەنلەر ئىچىدە چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ بار- يوقلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ