مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ

2019.12.02 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 28- چېسلا «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى توغرىسىدا» قانۇن لايىھەسىنى ئوقۇپ ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىش، كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى قاتتىق ئىگىلەش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى توغرىسىدا» قانۇن لايىھەسىدە 19 ماددا بار بولۇپ، ئۇ ماددىلار قازاقىستاندىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق مائارىپ خىزمەتچىسىگە ماس كېلىدىكەن. قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى نىگماتۇرىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قانۇن لايىھەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىگە ئالىدىغان نامۇۋاپىق مەمۇرىي خىزمەتنى ئازايتىش، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ياكى ئىجادىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەلگىلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن لايىھەسى ئوقۇتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، 2020- يىلىدىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھەر يىلى %25 ئېشىپ، تۆت يىل ئىچىدە بىر قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورنى ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 42 كۈندىن 56 كۈنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار «قازاقىستان تۆھپىكار مائارىپ خىزمەتچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، قانۇن لايىھەسىدە 2022- يىلىدىن باشلاپ مائارىپ خىزمەتچىلىرى كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن سالاھىيەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتۈپ، كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

  يېقىندىن بۇيان، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى قازاقىستاندا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىل 9- ئايدا، قازاقىستان مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاماگامبېتوف مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 110 مىڭ تەڭگە (تەخمىنەن 2000 يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيەسىنىڭ %65ىنى ئىگىلەيدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى توغرىسىدا» قانۇن لايىھەسى قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا باشلىغان، بۇ يىل 8- ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پارلامېنتتا كۆپ قېتىم ئوقۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىمزا قويسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ