2019- يىللىق مىننەتدارلىق بايرىمىدا نيۇيوركتا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2019.11.29 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مىننەتدارلىق بايرىمى نامايىشىدا، كارتون شار مانخاتتان كوچىسىدا ماڭدى. شۇ كۈنى، 2019- يىللىق مېسسى مىننەتدارلىق بايرىمى چوڭ نامايىشى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلدى، ھەر خىل ئويۇنچۇق شارلار، بېزەك ئاپتوموبىللار ئەترىتى مانخاتتاندىكى ئاسمان-پەلەك بىنالارنى كېسىپ ئۆتۈپ، مىليونلىغان ئاممىنى جەلپ قىلدى. مېسسى مىننەتدارلىق بايرىمىنىڭ تۇنجى چوڭ نامايىشى 1924- يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئامېرىكىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مىننەتدارلىق بايرىمى نامايىشى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ