مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسى يەرشارىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.11.29 14:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يىللىق «بۇلغىما قويۇپ بېرىش پەرقى» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى، كەلگۈسى ئون يىلدا پۈتۈن دۇنيانىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى يىلىغا %7.6 ئازلىمىسا، تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى 1.5 سىلىتسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. دوكلات ھەرقايسى تەرەپلەرنى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  «بۇلغىما قويۇپ بېرىش پەرقى دوكلاتى» ئۇدا 10 يىل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانى بىلەن ھازىرقى ھالەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، پەرقنى ئازايتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يىلقى بۇ دوكلات 2030-يىلى مۆلچەرلەنگەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى بىلەن «پارىژ كېلىشىمى»دا تەلەپ قىلىنغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى نۇقتىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، كەلگۈسى ئون يىلدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇپ ئازايتىدىغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىشانىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

  2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان «پارىژ كېلىشىمى»دە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى تەھدىتىگە قارىتا دۇنياۋى تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇشۇ ئەسىردە يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراسىنى سانائەتلىشىشنىڭ ئالدىدىكى سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندىكى ئېشىش نىسبىتىنى ئىككى سىلىتسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش، شۇنداقلا تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلىشىنى 1.5 سىلىتسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشقا تېرىشىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پۈتۈن دۇنيا تېزدىن پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشى كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ بۇ دوكلاتىدا، «پارىژ كېلىشىمى» ئاستىدىكى بارلىق شەرتسىز ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئاشقان ھالەتتىمۇ، يەرشارى تېمپېراتۇراسىنىڭ يەنىلا 3.2 سىلىتسىيە گىرادۇس ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار، بۇ تېخىمۇ كەڭ، ھەم بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك كىلىمات تەسىرى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىلدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار مۆلچەرلەندى، تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلەش مىقدارىنى ئىككى سىلىتسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش ئۈچۈن، 2030-يىلى يەرشارىنىڭ يىللىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى چوقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەر تاپشۇرغان شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئۆز ئالدىغا ئازايتىدىغان بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاساسىدا يەنە 15 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىدى ئازىيىشى كېرەك. 1.5 سىلىتسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 32 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىدى ئازىيىشى كېرەك.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى، باراۋەر ۋە ئادىل بولۇشنى كۆزدە تۇتقاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا بۇلغىما ئازايتىشنى تېخىمۇ تېز ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىنمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ پاكىز تېخنىكىنى ئىشلىتىشى كېرەك. دوكلاتتا يەنە بارلىق دۆلەتلەرنى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىرىكمە ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرشارىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تېرىشىشقا مۇراجىئەت قىلىندى.

  دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پىتېرى تالاس بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئاتموسفىرادىكى پارنىك گازىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدە تېخى ئاستىلاش كۆرۈلمىدى، «پارىژ كېلىشىمى»دىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋەدىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى، يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراسى 1.5 سىلىتسىيە گىرادۇس ئۆرلىسىلا، يەرشارىدا يۈز بېرىدىغان كىلىمات ئاپىتىنىڭ كۈچى ۋە قېتىم سانى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى سان «پارنىك گازى دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، يەرشارى ئاتموسفىراسىدىكى پارنىك گازىنىڭ قويۇقلىقى يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورت ياراتتى، پارنىك گازى مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئېشىشى ئۇزۇن مەزگىللىك يۈزلىنىشكە ئايلاندى، بۇ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر بىز ئالىملارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا يەنە قۇلاق سالماي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ داۋاملىق ئەجەللىك ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى، بوران چاپقۇن ۋە بولغانمىلارغا دۇچار بولۇشتىن باشقا ئامالىمىز قالمايدۇ.

  2020-يىلى كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ يىلى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنىگ ئاندېرسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بىز دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشىمىز، 2020-يىلى بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەدىمىزنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ