تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي ياپونىيە ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەت ئورنىنى ۋە باجنىڭ ئېشىشىنى ياراتتى

2019.11.22 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- نويابىر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ خۇا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشتى. ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى 21- چېسلا توكيودا «خۇاۋېينىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى» تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى جۇڭگونىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ياپونىيىگە 46 مىڭ 400 خىزمەت ئورنى يارىتىپ بېرىپ، ياپونىيەنىڭ مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۈچۈن 208 مىليارد ياپونىيە يېنى (1 ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 108.5 ياپونىيە يېنى) باج ياراتتى. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ خۇا شۇ كۈنى توكيودا مۇنداق دېدى: ياپونىيە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مۇھىم بازارلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا خۇاۋېي دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە خۇاۋېينىڭ ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىشىدىن ئېرىشكەن سودا سوممىسى 780 مىليارد يېنغا يېتىپ، بۇلتۇرقى 720 مىليارد يېندىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ