ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈەن: دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك

2019.11.21 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-نويابىر، نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش ئەلچىسى، جۇڭگولۇق ياش ناخشىچى ۋاڭ يۈەن ب د ت يىغىنىدا «بالىلار ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى. شۇ كۈنى ۋاڭ يۈەن ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە يەنىلا نۇرغۇن بالىلار ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارىتا ھەل قىلىش لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ