ئافرىقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇسابىقىسى گانادا يېپىلدى

2019.11.18 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16- كۈنى گانا پايتەختى ئاكرادا، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن ئافرىقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇسابىقىسىدە سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، ما يۈن ئافرىقا ئىگىلىك تىكلەش فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئافرىقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گانا پايتەختى ئاكرادا ئۆتكۈزۈلدى. 10 مىڭدىن ئارتۇق ماھىر ئىچىدىن 10 ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ما يۈن ئافرىقا ئىگىلىك تىكلەش فوندى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ