ترامپنى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش باسقۇچىغا كىردى

2019.11.14 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەكىلى تايلور ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر يېتەكچىلىك قىلغان، زۇڭتۇڭ ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى 13-چېسلا ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش باسقۇچىغا كىردى.

  تۇنجى مەيدان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 13-نويابىر ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى خىف رىياسەتچىلىك قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا- ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېنت ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەكىلى تايلور گۇۋاھچى بولدى.

  خىف باشلىنىش مۇراسىمىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىلىك ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، لېكىن ئاقساراي توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، بەزى ئۇچۇرلار يەنىلا كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى نۇنېس ئارقىدىن ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ترامپقا قارىتىلغان «قارا سۇۋاش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ