چېرنوبىل يادرو ئېلكېتىر ئىستانسىسى ئايرىش رايونىغا سەپەر

2019.11.14 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى چېرنوبىل يادرو ئېلكېتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى پرىپىيات شەھىرىدە، بىر ئىمارەتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆسۈپ چىققان بىر تۈپ دەرەخ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بېلارۇسىيە چېگراسىغا يېقىن بولغان چېرنوبىل يادرو ئېلكېتىر ئىستانسىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ رېئاكتورى پارتلاپ، 30 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلدى، سەككىز توننىدىن ئارتۇق كۈچلۈك رادىياتسىيەلىك ماددا ئېقىپ چىقىپ، ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىشىدىكى ئەڭ ئېغىر ھادىسە بولۇپ قالدى. 4- نومۇرلۇق گېنېراتور گۇرۇپپىسى رېئاكتورىنى مەركەز قىلىپ سىرتقا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئايرىش رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايرىش رايونىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ يادرو رادىياتسىيە قىممىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەمدە 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رېئاكتورىنىڭ يېڭى ئاكوپىنىڭ 2016-يىلى 11-ئايدا رەسمىي ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئايرىش رايونى ساياھىتى تەدرىجىي ئۇكرائىنا ساياھىتىدىكى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ