سىرى لانكا يورۇقلۇق سەپىرى جامائەت پاراۋانلىقى داۋالاش پائالىيىتى كولومبودا ئۆتكۈزۈلدى

2019.11.12 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- نويابىر، بىر جۇڭگولۇق دوختۇر لەنكا دوختۇرخانىسىدا شۇ جايدىكى بىمارلار ئۈچۈن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدى.

  سىرى لانكادىكى"سىرى لانكاس-جۇڭگو ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى"نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىيەت مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى 10- نويابىردىن باشلاپ كولومبودىكى لەنكا دوختۇرخانىسىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان سىرى لانكا يورۇقلۇق سەپىرى جامائەت پاراۋانلىقى داۋالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان 100 بىمارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھەقسىز ئوپىراتسىيەسىنى قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ