جۇڭگو-قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «مۇزىكانت» ناملىق فىلىم «ئالتۇن رەڭلىك ئېكران مۇكاپاتى»نىڭ تۆت چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019.11.11 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-نويابىر، ئامېرىكىنىڭ لوس- ئانژېلىستا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «مۇزىكانت» ناملىق فىلىمنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلىرى مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

  ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى، جۇڭگو كىنو ھەمكارلىق فىلىم ئىشلەش شىركىتى، «ھوللىۋود خەۋىرى» قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئالتۇن رەڭلىك ئېكران مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 9-چېسلا كەچتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «مۇزىكانت» ناملىق فىلىم «ئەڭ ياخشى فىلىم»، «ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى»، «ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى» ۋە «ئەڭ ياخشى مۇزىكا»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ