خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋيېتنام ج خ مىنىستىرلىقى 7-چېسلا كەچتە ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ۋيېتنام ۋە ئەنگلىيە تەرەپ ئەنگلىيە يۈك ئاپتوموبىلى پاجىئەسىگە ئۇچرىغان 39 كىشىنىڭ ۋيېتنام پۇقراسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ۋيېتنام ج خ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان چىقىرىپ، ۋيېتنام ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئەنگلىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى 23-ئۆكتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ئېسسېكس ۋىلايىتىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىدا بايقالغان 39 كىشىنىڭ جەسىدىنىڭ ۋيېتناملىقلار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، دېدى.
ۋېيتنام ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغان 39 كىشى ۋېيتنامنىڭ خەيفاڭ شەھىرى، خەيياڭ ئۆلكىسى، يىئەن ئۆلكىسى، خېجىڭ ئۆلكىسى، گۇاڭپىڭ ئۆلكىسى ۋە چېڭتيەن- شۇنخۇا ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئىكەن. ۋېيتنام تەرەپ ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، كونسۇل قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرمەكتە.
ۋېيتنام ئاگېنتلىقىنىڭ 7-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ شۇ كۈنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ھال سورىغان ھەمدە ۋيېتنامنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكە، شەھەرلەرگە داۋاملىق ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.
رۇەن چۈنفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋيېتنام ھۆكۈمىتى نوپۇس توشۇپ سېتىش ۋە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، رايون ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بۇنداق ئېغىر جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجەت قىلىدۇ، دېلونى تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش ۋە سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ بالدۇرراق تاماملىنىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەنگىلىيە ساقچىلىرى 23-ئۆكتەبىر شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئېسسېكس ۋىلايىتىنىڭ بىر سانائەت رايونىدا بىر يۈك ساندۇقلۇق ئاپتوموبىلدىن 39 جەسەتنى بايقىدى. ئېسسېكس ۋىلايىتى ساقچىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 1-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ: ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە 39 نەپەر قازا قىلغۇچىنى ۋيېتناملىقلار دەپ قارىدى، دېدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋيېتنام جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا ياردەملەشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تور