رۇسىيەدە 1941- يىلى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش رەپىتىسى ئۆتكۈزۈلدى

2019.11.06 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەسكەرلەر 5- نويابىر رۇسىيەنىڭ موسكۋا قىزىل مەيدانىدا 1941- يىلى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش رېپىتسىسىگە قاتناشتى. 1941- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن موسكۋا قىزىل مەيدانىنىڭ پاراتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى، ناتسىستلار گېرمانىيە ئارمىيەسى موسكۋا شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى قىزىل مەيداندىكى چوڭ پاراتقا قاتناشقاندىن كېيىن، نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى موسكۋا شەھەر ئەتراپىغا بىۋاسىتە بېرىپ، تاجاۋۇزچىلار بىلەن جەڭ قىلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ