مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىلى APEC رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.10.31 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىي بۇ يىل 11- ۋە 12-ئايدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  پىنېرا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان چىلىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تەرتىپنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى جەمئىيەت پىلانىنىڭ تېزدىن كۈچلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىپ، ئاممىنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىز بۇ قىيىن قارارنى چىقاردى.

  پىنېرا بۇ قارار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە ۋە قولايسىزلىقلاردىن چوڭقۇر ئەپسۇسلاندى، APECنىڭ چىلىنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان مۇھىملىقى، شۇنداقلا چىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىنى قايتا بايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ