پاكىستان زۇڭتۇڭى جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە مۇراجىئەت قىلدى

2019.10.31 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 30-كۈنى پاكىستان ئىسلامئابادتا، پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئارۋى جۇڭگو-پاكىستان يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئارۋى 30- ئۆكتەبىر ئىسلامئابادتا جۇڭگو-پاكىستان يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، پاكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، تېرىقچىلىق، ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ