ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2019.10.31 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگلىيە لوندوندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 29- ئۆكتەبىر بېلەت تاشلاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  شۇ كۈنى، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى مۇنازىرىدىن كېيىن، 438 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 20 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان 12-ئاينىڭ 12-كۈنى چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنى يەنە تېخى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى تەستىقلىشى زۆرۈر. ئەگەر تەستىقلانسا، بۇ ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم روژدېستۋا بايرىمى كېلىدىغان 12-ئايدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشى بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ